خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئۇيغۇر ئېلىگە مەركەزلەشمەكتە

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلاردىن بىرى بولغان «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىلدىن يىلغا كېڭىشى نەتىجىسىدە، بۇ رايون ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان.

خىتاي «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 25-دېكابىر چىقارغان خەۋىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتقا كۆرە، 2024-يىل خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا 6 مىليون 164 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 9.7 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدە كېۋەزلىك كۆلىمى 3.3 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، 2 مىليون 450 مىڭ موغا يەتكەن.

ئېنىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەم ئىستېمال بازىسى بولۇپ، «شىنجاڭ پاختىسى» پۈتۈن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە كېۋەز تېرىشنىڭ 100 پىرسەنت ماشىنىلاشقانلىقى، پاختا تېرىشنىڭ بولسا 90 پىرسەنت ماشىنىلاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، پاختىنىڭ سۈپىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنى ماشىنا-ئۈسكۈنە بىلەن ئەمەس، قولدا يىغىۋېلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى بىڭتۈەننىڭ پاختىزارلىقىدا پاختا يىغىۋېلىش پەسلىدە يۈز مىڭلىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ھەمدە گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلانغانىدى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز 2023-يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنى ھازىرچە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئىمكانى يوق ئىكەن. بۇنداق پاختىلار يەنىلا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بىرمۇبىر يىغىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، 2021-ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا پاختا تېرىشكە مەجبۇرىي يۆتكەلگەن، بۇنداق يۆتكەش خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭمۇ بىر قىسمى بولغان.