خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكى شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 100 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىممىتىنى يوقاتقان. «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى قىممىتىدىكى زىيان گېئو-سىياسىي جىددىيلىكنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئۈمىدۋارلىققا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىققانىكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ ئالىبابا گۇرۇھى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور بازىرى شىركىتى بولغان JD.Com قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى بۇ ھەپتە قاتتىق چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ناسداك، ئالتۇن ئەجدىھا خىتاي پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇدا 6 قېتىم تۆۋەنلەپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان چۈشۈش بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى قىممىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق چۈشۈپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتكە قالغان. خەۋەردە، خىتاينىڭ كوۋىد-19 يۇقۇم قامىلىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن قىسمەن ئۈمىدۋارلىق پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى، تىك-توك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى توقۇنۇشىنىڭ كۈچىيىشى، مەبلەغ سالغۇچىلاردا خىتاي پاي چېكىگە بولغان قىزىقىشنى ئازايتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىك-توكنىڭ ئامېرىكالىق ئابۇنتلار ئۈچۈن جىددىي بىخەتەرلىك خەۋپى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
«بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاينىڭ پاي چېكىگە بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچكەن. بىر قىسىم شىركەتلەر گېئو-سىياسى ئەندىشە سەۋەبىدىن بۇ ھەپتە ئىلكىدىكى بىر قىسىم خىتاي پاي چەكلىرىنى قولدىن چىقارغان. كانادانىڭ ئونتارىئو ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فۇندىمۇ 25-ئاپرېل ئۆزىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاسىيا پاي چېكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.