خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق زامانىۋى قاتناش پىلانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇقتىلار كۆرسىتىلدى

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 28-فېۋرال ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك 13-بەش يىللىق زامانىۋى قاتناش پىلانى» غا ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدىغان قاتناش لىنىيىلىرىدە 2020-يىلغىچە تېز سۈرئەتلىك پويىزنى ئومۇملاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاش تىلغا ئېلىنغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قاتناشنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن نۇقتىلار، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىغا يۈزلىنىش، پاكىستان، ھىندىستان ئارقىلىق جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن.

خىتاي خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر پىلان ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەردە، غەربىي شىمالدىكى تۆمۈريول قاتناش لىنىيىسى تيەنجىن شەھىرىدىن باشلىنىپ، قۇمۇل، تۇرپان، كورلا، قەشقەر، تۇرغۇت، خونجىراپ ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ. قۇمۇلدىن باشلىنىدىغان غەربىي تاق لىنىيە ئالتاينىڭ جىمۇنەي ناھىيىسىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ، دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە، ليەنيۈنگاڭ تۆمۈريولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ شىئەن، لەنجۇ، ئۈرۈمچى، جىڭ ناھىيىسى، ئالاتاۋ ئېغىزى ۋە قورغاسقا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقى، مەزكۇر قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ چىقىمى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ خام چوت چىقىمىدىن سەرپ قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.