ئاۋسترالىيەدە «خىتاي پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار»مەسىلىسى ئارقىسى ئۈزۈلمەي ئاشكارىلانماقتا

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي «پۇل ئىئانە قىلغۇچى» لارنىڭ تەسىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي «پۇل ئىئانە قىلغۇچى» لارنىڭ تەسىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىلغان.

ئۇنىۋېرسىتېت دۇنياسى خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى سام داستيارىنىڭ 1200 دوللارلىق سەپەر چىقىمىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ئاتچوت قىلدۇرۇشتەك سىياسىي سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان ئاۋسترالىيەدىكى يۇخۇ ئۆي - مۈلك شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇاڭ شياڭمو ھەققىدىكى بەزى يىپ ئۇچلىرىنىمۇ ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇخۇ شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بىرى بولۇپ، ئۇ سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىنستىتۇتى»قۇرۇلۇشىغا بىر يېرىم مىليون دوللارغا يېقىن ياردەم قىلغان شۇنداقلا ھەم بۇ ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە شۇ يۇخۇ شىركىتى 2015- يىلى دېكابىردا غەربىي سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاۋسترالىيە - خىتاي مەدەنىيەت - سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىككى يېرىم مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىئانە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور بىر رەقەم ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن يېقىن ئالاقە ئىچىدە بولغان بىر شەخسنىڭ ياردىمى ۋە رەئىسلىكى ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىنستىتۇتلارنىڭ ئىلمىي ئەخلاقى ۋە ئەركىنلىكىگە قارىتا ئاۋسترالىيەدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا گۇمان ۋە مۇنازىرە پەيدا بولغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى ئىنستىتۇتلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرى بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارا مەسىلىلەردە خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

سىدنېي خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە سىۋىنبورن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جون فىتىزگېرالد قاتارلىقلار ئاۋسترالىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي ياردەمنى قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانىنى سۈرۈشتە قىلىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى ۋە كونترولى ئاستىدا قېلىشتىن ھېزى بولۇشقا چاقىرغان.

تېخى يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە باش ئەلچىسى جون بەرىي ئاۋسترالىيەنى بەزى تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ پۇل ئىئانە ئارقىلىق ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org