خىتاي دائىرىلىرى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى خۇاڭنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.19

خىتاي سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى خۇاڭ يۈنى«دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، دېلوغا چېتىلغان خۇاڭ يۈىڭ ئايالى ۋە قېيىن ئاكىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان خۇاڭنىڭ قايسى دۆلەتكە، قانداق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەسلىكى،خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى مەلۇم مەخپىي تەتقىقات ئىدارىسدا ئىشلەيدىغان خۇاڭ يۈنىڭ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مەلۇم ئاخبارات خادىمى بىلەن 21 قېتىم كۆرۈشۈپ، 90 بەتلىك، 150 مىڭ پارچە ھۆججەتنى سېتىپ، 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە شىركەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە كۆپ خەۋەرلەر بېرىلگەن.

11-ئاپرېلدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، ئامېرىكا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىدىغان، تەيۋەندە تۇغۇلغان ئېدۋارد لىن ئىسىملىك ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئوفىتسېرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكلىرىگە ئائىت ماتېرىياللارنى خىتايغا سېتىش سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن خۇاڭ فامىلىلىككە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭمۇ جاسۇسلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ھەققىدىكى دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.