خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.19

ئىگىلىنىشىچە، 18-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ نازارەتچىلىك قىلغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلار شۇ كۈنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بەرگەن. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خىتاي دۆلەت شېئىرى ئورۇندالغان، ئاندىن قەسەم بېرىش جەريانى باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش ھەققىدە قارار» ماقۇللىغان. بۇ قارارغا ئاساسەن بۇ يىل خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قارمىقىدىكى 33 ئورۇنغا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 55 نەپەر ئەمەلدار خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان خىتايدىكى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشتا تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدىكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىبارەت بىر پارتىيىلىك دىكتاتور سىياسىي تۈزۈلمىدە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشنىڭ بىر شەكىل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىن ھامان ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.