ئۇيغۇر رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىشتا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشى تەلەپ قىلىندى
2023.10.10
ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىك قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» دىن ئىبارەت يېڭى كىملىكنى چىقىش قىلىش تەلەپ قىلىنغان. نۆۋەتتە يەرلىك قانۇن چىقىرىشتا «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى» نى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يۈزلىنىشنىڭ رايوندا باشقا كىملىكلەرنى قانۇنسىزلىققا ئېلىپ بېرىش خەۋپى زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسى يېقىندا شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەننىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» دوكلاتنى ئاڭلىغاندا بەرگەن يوليورۇقىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يىغىن ئاچقان.
يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل رايوننىڭ قانۇن چىقىرىشتا، نازارەتچىلىكتە ۋە ۋەكىللىك خىزمىتىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئالدىنقى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنى تەكىتلىگەن. زۇمرەت ئوبۇل سۆزىدە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق خاراكتېرى» نى كۈچەيتىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك ۋە ۋەكىللىك خىزمىتىدە ئالدىن ئويلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇن چىقىرىشنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن-تۈزۈم نازارەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسى قانۇن، قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمىلىلىشىشنى ئاساسى نۇقتا قىلىش كېرەك ئىكەن.
زۇمرەت ئوبۇل بۇ سۆزلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2015-يىلى چىقارغان «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن مەزكۇر نىزامنى بىكار قىلىشنى ياكى جىددىي تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» دىنىي ئاشقۇنلۇقنى كەڭ ھەم مۈجمەل شەرھىلەپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئاچقان ئىكەن.