خىتاي 4 نەپەر قازاق مەھبۇسنى قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن
2016.03.04
خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە قاتىللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان 4 نەپەر قازاق پۇقراسىنى قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قازاقىستان باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ 4 - مارت ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، مەھبۇسلار قاماق جازاسىنى قازاقىستان تۈرمىسىدە ئۆتەيدىكەن.
قازاقىستان باش تەپتىش ئەمەلدارى، ئۇ 4 نەپەر مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتىنى ۋە كىملىكىنى ئېلان قىلمىغان. ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2014 - يىلى 3 - ئايدا خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 22 ياشلىق قازاق ئايال ئاقجارقىن تۇرلىبايېۋا، ئۇ 4 كىشىنىڭ ئىچىدە يوق ئىكەن.
قازاقىستان بىلەن خىتاي 2011 - يىلى مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. مەزكۇر كېلىشىم 2013 - يىلى 11 - ئايدا قازاقىستان تەرىپىدىن، 2015 - يىلى 7 - ئايدا خىتاي تەرىپىدىن تەستىقلانغان.
مەزكۇر كېلىشىم ئىلگىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى باھانە قىلىپ، قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى ئاشكارا ياكى مەخپىي تۈردە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ 2011 - يىلى 5 - ئايدا ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى پاناھلىق بەرگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل ئىسىملىك ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.









