خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى 3-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە قازاقىستان قىسىملىرى بىلەن بىللە چېگرا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىپ-چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
بۇ ھەرىكەتنى ئالتاي چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى بىلەن قازاقىستان جايسان چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى بىرلىكتە قىلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن : «بۇ قېتىمقى بىرلەشمە تاغ، چېگرا ئەمەلىي تەكشۈرۈشىدە تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ كىرىپ چىقىشى، قانۇنسىز قازغۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىپ قېزىشى ۋە چارۋىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئاساس قىلىنىپ، قايتىش ئېقىمىدىن ساقلىنىش، تاغلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، چېگرا مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ ۋە زەربە بېرىلىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى بىرلىكتە قوغدالدى.»
بىراق خەۋەردە، ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە نېمىگە زەربە بېرىلگەنلىكى ئېنىق شەرھلەنمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن «تېررورلۇق» قا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ 1780 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى ۋە ئالتە چېگرا ئېغىزى بار بولۇپ، تۇتىشىدىغان تاغ ئېغىزلىرىدا يوللار كۆپ ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
