تەيبېي ۋاقتى گېزىتى: «خىتاينىڭ قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەننىڭ «تەيبېي ۋاقتى گېزىتى» 13‏-ئاپرېل تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىش، مەسچىتلەرنى چېقىش قىلمىشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، شۇڭا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989‏-يىلى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى قىلمىشى ب د ت نىڭ 1948‏-يىلى ماقۇللىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بەرگەن تەبىرىگە چۈشۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئىلغار تەقىبلەش تېخنىكاسى ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇشتا، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا نۇرغۇن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. ماقالىدە، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، رويتېرسنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى 39 ئورۇندىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرىنىڭ 3 ھەسسە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغانلىقى، يېقىندا ئەنگىليەدىكى بىر تور بەتنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىرقى ئەۋلادلار ئۈچۈن ناتسىسلار گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىنكار قىلىشى قىيىن بولغاندەك بۇنداق ئەھۋالدا، ئوخشاشلا باشقا دۆلەتلەر، رەھبەرلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن «نورمال ئالاقە قىلىشى» قىيىن بولۇشى كېرەك ئىكەن. ماقالىدە يەنە، بېيجىڭ مەيلى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار قامالغان جازا لاگىرلىرىنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دېسۇن ياكى شۆھرەت زاكىر ئېيتقاندەك «ياتاقلىق مەكتەپ» دېسۇن «ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئوخشاش» ئىكەنلىكى، ئۇ بولسىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق يوقىتىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت