خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىشكەكنى زىيارەت قىلدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرلان ئابدىلدايېۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-05-22 -
-
-
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرلان ئابدىلدايېۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋەلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى«قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە تۇرماقتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشمايدۇ» دېگەن.
قىرغىزىستان تەرەپ بولسا، خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېۋ ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىككى ئەل خەلقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاقىلىرىنىڭ كىچيىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىرغىزىستاننىڭ ئالىي «داناكېر» ئوردېنىنى بەرگەن.
مەلۇمكى، مەزكۇر ئوردېن ئىلگىرى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىي ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە باشقىلارغا بېرىلگەن ئىدى.
«ئاكىپرېسس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى قىرغىزىستان مەھسۇلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن يېزا ئىگىلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا قىلىنىدىغان ئېكىسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىشنى قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.