بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يېقىندا گېرمانىيەدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 3-چوڭ قورال ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلانغان.
مەركىزى ستوكھولمدىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش مىقدارى 2010-يىلىدىكى 16% لىك ئېشىشتىن 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 143 % لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ھاسىل قىلغان.
بۇ ھال خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ قورال-ياراغ سانائىتىگە سالغان مەبلىغىنىڭ مىسلىسىز زورايغانلىقىنى شۇنداقلا خەلقئارا قورال سودىسىدىكى ئورنىنىڭ پەلەمپەيسىمان ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بۈگۈن مەزكۇر دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو قورال ئېكسپورت قىلىشتا ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن رىئايە قىلماقتا.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پاكىستان، ئىران، بېنگال، بېرما، ۋېنسۇئىلا، ھىندونېزىيە قاتارلىق 35 دۆلەتنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. خىتايدا ياسالغان قوراللار بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ھەتتا نىگېرىيەدىكى بوكۇ ھەرەم قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغىمۇ يېتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
