خىتاي «قانۇن گېزىتى» نىڭ 8-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 27-ماي چىقىرىلغان «ئوق-دورا، قورال-ياراقلارنى تاپشۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى» دىن كېيىن، كۇيتۇن شەھىرىدىكى پۇقرالار قولىدىكى قورال-ياراقلارنى تاپشۇرۇشقا باشلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، 27-مايدىن 7-ئىيۇلغىچە كۇيتۇن شەھىرىدىكى پۇقرالار ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەر خىل ئوقلار 886 دانە، قورال 8 دانە، گرانىت 3 دانە، كاپسۇل پىلتىسى 59 دانە، تەقلىدىي قوراللار 20 دانە، ئوقيا 3 دانىگە يەتكەن.
قورال تاپشۇرغانلارغا 6 مىڭ 738 سوم خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلگەن.
خەۋەردە يەنە پۇقرالارنى ئۆزلۈكىدىن قورال-ياراقلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، قورال يوشۇرۇپ تاپشۇرمىغانلارنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
«22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك ھۇجۇمى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆزلۈكىدىن ئوق-دورا ۋە قورال-ياراقلارنى تاپشۇرغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، يوشۇرغۇچىلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
