خىتايدا بۇلتۇر 2 مىليون 800 ئادەم راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن

بىر گۇرۇپپا خىتاي تەتقىقاتچىلار 4 - فېۋرال دۇنيا راك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا بۇلتۇر 2 مىليون 800 ئادەم راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.


بىر گۇرۇپپا خىتاي تەتقىقاتچىلار 4 - فېۋرال دۇنيا راك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا بۇلتۇر 2 مىليون 800 ئادەم راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

مەزكۇر تەتقىقات ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «كلىنىكىلىق داۋالاش دوختۇرلىرى ئۈچۈن راك ژۇرنىلى» (CA: A Cancer Journal for Clinicians) دەپ ئاتىلىدىغان مېدىتسىنا ژۇرنىلىغا بېسىلغان.

تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا خىتايدا يىلىغا 4 مىليون 300 مىڭ ئادەم راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدىكەن.

ب ب س نىڭ ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى راك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى بۇلتۇر كۈنىگە 12 مىڭ ئادەمگە راك دەپ دىئاگنوز قويغان، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە 7 مىڭ 500 ئادەم راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org