ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىن ھەر جەھەتتە ئېشىپ چۈشىدىغان ئىمكانىيەت ھازىرلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئالىدىغان خامچوتنى 4 مىليارد دوللار ئاشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مەبلەغ ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى رىچ ۋېرما (Rich Verma) كەلگۈسى 5 يىلدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 4 مىليارد دوللار مەبلەغگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، 2 مىليارد دوللارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشقا پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى، قالغان 2 مىليارد دوللارنىڭ «دىپلوماتىيەدىكى ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەبلەغ سېلىش» ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدەك نەپسى يامان كۈچلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ياردەملەرنىڭ ئاساسەن سىياسىي جەھەتتە تۈزەش ۋە قانۇن-نىزامنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ بېرىش تىرىشچانلىقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاز ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا يېڭى خەلقئارا مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتا خىتاينىڭ كەينىدە قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. رىچ ۋېرما بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ئۆزىمىزدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، نەدىلا بولساق خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئۇنى ئۇتۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دېگەن.
