خىتاينىڭ 3000 يىللىق ئەپسانە-رىۋايىتى «مەدەنىيەت يىلتىزىدىكى باغلىنىش» دەپ تەشۋىق قىلىنغان

خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ 3 مىڭ يىللىق تارىخى رىۋايەتلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» 1-مارت كۈنى «شىنجاڭدىن 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان خىتاي زېمىنىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش» ناملىق ئۇزۇن بىر تەشۋىقات ئوبزورى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «مەغرىبتىكى خانئانا» (西王母) بۇتخانىسى بىلەن خوتەن كېرىيەدىكى «ئەجدىھا كۆلى» (龙湖) رىۋايەتلىرىدىن تارتىپ، خوتەننىڭ قاشتېشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، مۇقام-مەشرەپلىرىنىڭ تامامەن ئىچكىرى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ رىۋايىتىگە كۆرە، «مەغرىبتىكى خانئانا» تەڭرىتېغىدىكى بوغدا كۆلى باغرىنى ماكان قىلغانمىش، بەزىدە تەڭرىتېغىدىن ھالقىپ، تەكلىماكان چۆلىدىن ئۆتۈپ، كۇئېنلۇن تاغ باغرىدىكى كېرىيەگە كېلىپ، «ئەجدىھا كۆلى» گە چۆمۈلۈپ ئوينايمىش.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىدا، يۇقىرىقى رىۋايەتلەر «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گېنىنى، ھەر مىللەتنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى قاندا ئەمەس، مەدەنىيەتتە» دېيىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «مەغرىبتىكى خانئانا» بۇتخانىسى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان . ھالبۇكى، يۈەن سۇلالىسى موڭغۇللار قۇرغان خاندانلىق بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇ دەۋردە ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولغان-بولمىغانلىقى، ئەگەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە ئۇ بۇتخانىنى بۇددا دىنىدىكى خىتايلارنىڭ ياكى لاما دىنىدىكى موڭغۇللارنىڭ سالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى جەمېس مىلۋارد ئەپەندى ھازىرقى خىتاينىڭ تارىختا ئىزچىل داۋاملاشقان ھاكىمىيىتى بولمىغانلىقىنى، موڭغۇللار، مانجۇلار قۇرغان دۆلەتنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى تارىخىي پاكىت سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىشى تېخىمۇ كۈلكىلىك ھېسابلىنىدىكەن.