شى جىنپىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە زېھىن قويماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندە «بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنىڭ چېكى يوقتۇر» دېگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنادىكى ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى تېزرەك ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بولغان دۈشمەنلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتى تېزدىن ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا ئۇرۇش ۋەزىيىتى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موسكۋا سەپىرى ھەققىدە پىكىرلەشكەن. شۇنىڭدەك ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدىكى بەزى مۇزاكىرىلەرنى شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاقلاشقان. شى جىنپىڭ بۇ جەرياندا «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۆزگىچە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە. بىز جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ ئوخشاشلا قەدىناس دوست. بۇ خىل مۇناسىۋەتكە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويالمايمىز» دېگەن.

2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ زور ۋە ئەڭ ياراملىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن ھەمدە «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەت قازانغۇچى» دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا باشلىغان ھامان بۇ ھال خىتاينى ئەنسىرەتكەن. چۈنكى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يۇمشىشى ماھىيەتتە رۇسىيەنىڭ خىتايدىن يىراقلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولغاچقا، بۇ ھال خىتاينى بىر زور ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئاپىرىشى مۇمكىن، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.