خىتاي ۋە رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا خىتاي ۋە رۇسىيە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سۆھبەتنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قارار ئەينى چاغدا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان. خىتاي، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكىنى سۆھبەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چىرقىرىغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل يانۋاردا يەنە بىر قېتىم يادرو بومبىسىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەگە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى - يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالىنى (THAAD) ئورنىتىش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان ئىدى.

29 - ئاپرېل ئاقساراي بايانچىسى جوش ئېرنىست سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «بۇ سېسىتما پەقەت شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن توغرىلانغان، ئۇلار خىتاي ياكى رۇسىيەگە قارىتىلمىغان.»

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شۇ كۈنكى باياناتىدا جەنۇبىي كورېيەگە بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ۋە خىتاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى مانېۋىر بۇ ئاي رۇسىيەدىكى بىر ھەربىي تەتقىقات مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.