خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانىغا ئالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.03

خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا تور ھۇجۇمى قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھۇجۇمدا خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكادىكى «تېخنىكا رادارى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ سۇ ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدە قوللىنىۋاتقان سەزگۈر مەشغۇلات تېخنولوگىيەسى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. دۆلەت ھامىيلىقىدىكى بۇ كۈچلەر سۇ مەنبەلىرىنى يوشۇرۇن زەھەرلەش ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىشنىڭ پېشىدا ئىكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى بۇ خىل تور ھۇجۇملىرى، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىش ئېھتىمالىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر سىناق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

«تېخنىكا رادارى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا ئامېرىكانىڭ 6 ھۆكۈمەت ئورگانى بىلەن ئەنگىلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى ۋە كانادا تور بىخەتەرلىك مەركىزى ئورتاق كۆرسەتمە ئېلان قىلىپ، سۇ تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكى، چۈنكى تەمىنلەش سىستېمىسىدا قوللىنىۋاتقان سەزگۈر مەشغۇلات تېخنىكىسى ئەسۋابلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. خەۋەردە، دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ۋە ئىراننىڭ ئامېرىكا سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىشىغا رۇسىيەنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاگاھلاندۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەگە چېتىشلىق تور ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ بىر قىسىم سەزگۈر مەشغۇلات تېخنىكىسى ئەسۋابلىرىنى كونترول قىلىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن. ئامېرىكا سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمىدىن قوغداشنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنېت يېللىن ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ ئارقا-ئارقىدىن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللاشتىن توختاشقا ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاشكارىلاندى. بلىنكېن بېيجىڭدا ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى قوللاشنى توختاتمىسا، ئامېرىكانىڭ «ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.