رۇسىيە بىلەن خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى


خىتاي بىلەن رۇسىيە جەنۇبى دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ مانېۋىر 12 - سېنتەبىردىن 19 - سېنتەبىرغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى تۇتىشدىغان دېڭىز رايونىدا، ئۆتكۈزىلىدىكەن

«دېڭىزدىكى ھەمكارلىق - 2016» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر خىل پاراخوتلىرى، كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى سۆزىدە مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر، بۇ مانېۋرنىڭ بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ قاراتمىلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ يىل 7 - ئايدا گائاگادىكى خەلقارا سوت فىلىپىننىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ «خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ مانېۋىرغا رۇسىيە تەرەپ «ئادمىرال ترىبۇتس»، «ئادمىرال ۋىنوگرادوۋ»، قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم پاراخوتى «پېرېسۋېت» ۋە باشقا بىر قانچە چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتكەن.

مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپتىن بىردىن مۇئاۋىن ئادمىرال بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىدىكەن.