خىتاي بىلەن رۇسىيە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە دۈشەنبە كۈنى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا 8 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى. ئىككى تەرەپ «بىرلەشمە دېڭىز - 2016» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى، سۇ ئاستى پاراخوتى، تىك ئۇچۇر قونالايدىغان ھەربىي پاراخوت، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى، قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ماڭىدىغان ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى قاتناشتۇرغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي قىسىملار مانېۋىردا راست ئوق ئىشلىتىدىكەن، ھەم مۇداپىئە ۋە قۇتقۇزۇش مەشىقى، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ دۈشمەن ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىش قاتارلىق مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لياڭ ياڭ، مانېۋىر يىللىق پروگراممىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مانېۋىرنىڭ مەقسىتى خىتاي - رۇسىيە ئومۇمىي ستېراتىگىيەلىك شېرىكچىلىكىنى ماسلاشتۇرۇش، چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئالغا سۈرۈش» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مانېۋىر ئىككى ئەل دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلەشمە دېڭىز مۇداپىئە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرىدىكەن. لېكىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مانېۋىرنىڭ كونكرېت ئورنىنى ئېلان قىلمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مانېۋىرنىڭ ھەرقانداق دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى نازۇك بىر رايوندا ئېلىپ بېرىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ قوماندانى سكوت سۋېفىت يېقىندا بۇ مانىۋېرنى باشقا يەردە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مانىۋېر بۇ رايوننىڭ مۇقۇملىقىنى ياخشىلىمايدۇ» دېگەن ئىدى.