نيۇ-يوركتا خىتاي «ساقچى پونكىتى» نى باشقۇرغان 44 خىتايغا جىنايى جاۋابكارلىق دېلوسى تۇرغۇزۇلغان
2023.04.24
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكادا مەخپىي «ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا ۋاكالەتەن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ياكى ئامېرىكادا تۇرۇشلىق ئاھالىلەرگە قارىتا پاراكەندىچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغان 44 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن جىنايى جاۋابكارلىق دېلوسى تۇرغۇزغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي نيۇ-يورك رايونلۇق تەپتىش ئىشخانىسى 22-ئاپرىل يۇقىرىقى 44 كىشى ئۈستىدىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەركىزى ئىسپانىيەدىكى «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل «ساقچى پونكىتلىرى» كانادانىڭ مونتېرىيال، ۋانكوۋېر، تورونتو؛ ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو، ھيۇستون شەھەرلىرى، شۇنداقلا مىنىسوتا، نېبراسكا شتاتلىرىدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ شەرقىي نيۇ-يورك رايونلۇق تەپتىش ئىشخانىسى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 40 نەپەر خادىمى ۋە خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2 ئەمەلدارىنى «سىياسى قارىشى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق بولغان ئامېرىكا ئاھالىلىرىنى نىشان قىلىپ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەيىبلەنگۈچىلەر ئامېرىكا ۋە چەت ئەللەردە ياشايدىغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى پاراكەندە قىلىش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا مىڭلىغان ساختا تور شەخسلىرىنى ياراتقان ۋە قوللانغان ئىكەن.
ئەيىبنامىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا تور سۇپىلىرىدا سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دېموكراتىك سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايدا ياكى ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىكەن. يۇقىرىقى ئىككى دېلودىكى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 34 نەپەر ئەمەلدارى، دۆلەت ھالقىغان تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك قىلمىشلىرىدا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغانلىقى ياكى چەت ئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نىشان قىلغان «912-ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» غا قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.