خىتاي ھۆكۈمىتى: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «سەئۇدى ئەرەبىستان بىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا» دېگەن.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» گېزىتىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۆھبەتلەر مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئىشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا راۋاجلانماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان نىشانى خىتاي بولۇپ، بۇ مەنىدىن ئالغاندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىتى خىتاينىڭ مۇھىم جان تومۇرى ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ قايسى سەۋىيەدىكى كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىق يېقىنقى مەزگىللەردە ھەج قىلىش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇنچە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ خەلقئارا جەمئىيەت سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئەيىبلىگەنىدى.