«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 29 كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر ئايدا ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قوشنا ئەللەردە ئامبار قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنجاڭ «سىلۇتوڭ» ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئامبىرى قازاقىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئامبار ئۈرۈمچى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدە قۇرغان تۇنجى ئامبىرى ئىكەن.
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوشنا ئەللەردىكى ئامبارلىرى زاكاز مال يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ ئامبارلارنىڭ چەت ئەلدە مال ساقلاش، ئوبوروت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار ئىكەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۇلارنىڭ بازار ئۈلۈشىنى كېڭەيتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 8-ئايدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 36 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 184 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53.5 پىرسەنت ئاشقان.
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكسپورتنىڭ رېكورت خاراكتېرلىك يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، دەل ئۇيغۇر رايونىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىسىدىكى جىددىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان سودا ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيانلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقان ئېكسپورتى ئارقىلىق تولۇقلىماقچى» دەپ كۆرسەتكەن.