ئەنگلىيەلىك بەزى سەرمايىدارلار خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى بەزى سەرمايىدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئەنگلىيە «The Times» («ۋاقىت») گېزىتىنىڭ 15‏-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئابېردېن ستاندارت مەبلەغ سېلىش شىركىتى، فىدېلىتي، سرۆدېر قاتارلىق پېنسىيە فوندى ۋە مەبلەغ گۇرۇھلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئەنگلىيە سەرمايىدارلىرىنىڭ خەيكاڭ، داخۇا قاتارلىق خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدە 800 مىليون فوند ستېرلىڭ پاي چېكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. غەربتىكى بەزى سەرمايىدارلارنىڭ خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە تەقىبلىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى يېڭى ئاشكارىلانغان مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا بەزى ئەنگلىيە سەرمايىدارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى پاش قىلىشىدۇر.

ئىلگىرى ئامېرىكادىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ خەيكاڭ، داخۇا قاتارلىق خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلانغان. بەزى ئورۇنلار قولىدىكى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇشى، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماشتەك قىلمىشلىرىدا ئۇنىڭغا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىپ، غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن. نەتىجىدە، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پاي چېكى تېز ئۆسۈپ، بەزى غەرب سەرمايىدارلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. ئەنگلىيە «The Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خەيكاڭ شىركىتىنىڭ ئاز دېگەندە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ كامېراسىنى تەمىنلىگەنلىكى، بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەر قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بەزى ئەنگلىيە سەرمايىدارلىرىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت