ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق يەنە 29 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاينىڭ يەنە 29 شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 107 گە يېتىپ بارغان.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاينىڭ يەنە 29 شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 107 گە يېتىپ بارغان.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ 29 خىتاي شىركىتىنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى سەۋەبى بىلەن ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. يېڭىدىن بېكىتىلگەن بۇ شىركەتلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ۋە پولىسىلىكون ماتېرىياللىرى، شۇنداقلا مىس، ئالتۇن، نىكېل قاتارلىق رەڭلىك مېتاللاردىن بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تەي (Katherine Tai) ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق يەنە 29 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بايدېن-خاررىس ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەرنى تىزىملىككە قوشۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى ئېتنىك ۋە دىننى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنى داۋاملىق نامايان قىلىۋاتىدۇ. شىركەتلەر ئىشچىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەقسىزلىك قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولماسلىقى كېرەك. مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى يوقىتىش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىن نەپ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇنلىرىمىزنى ئىجرا قىلىمىز».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئېنىقلانغان مەھسۇلاتلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرگۈزۈلۈپ بازارغا سېلىنىشىنى توسقانىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org