پىرېزىدېنت بايدىن كېلەر ھەپتە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە باج قويۇشنى قارار قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.10

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن كېلەر ھەپتە ئەڭ قىسقا مۇددەتتە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىگە قارىتا يېڭى تاموژنا بېجى قويۇشنى ئېلان قىلماقچى بولغان.

 «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار بۇ ھەقتىكى تولۇق قارارنىڭ كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە قويۇلغان ھازىرقى مەۋجۇت تاموژنا بېجىنىڭمۇ ئەينەن ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەر رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، كۈنتاختا ئەسلىھەلىرىگە يېڭى تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈنتاختا ئەسلىھەلىرىگە قويۇلىدىغان باجنىڭ تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق باج قويۇشتا، باج قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى سانائەت تۈرلىرىگە مەركەزلىشىدىكەن.

 «ۋول سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ تۆت قاتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەركەزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

 «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بايدىن ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ 37 شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. خەۋەرلەردە، چەكلەش تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي ئېلېكتىرونلۇق تېخنولوگىيە گۇرۇھىغا قاراشلىق تارماق شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئېلېكتىرونلۇق تېخنولوگىيە گۇرۇھى خىتاي ئارمىيەسىنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ بىر تارمىقىنىڭ 2023-يىلى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى ياسىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.