خىتاي شىۋېتسىيەلىك بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تۇتقۇن قىلغان


2009 - يىلدىن بېرى خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتاي ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ شىۋېتسىيەلىك قۇرغۇچىسى پېتېر دەھلىن 3 - يانۋار بېيجىڭ ئايرودرومىغا كىرىپ كېتىۋاتقان چېغىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

مەزكۇر تەشكىلات بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، پېتېر دەھلىننىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش گۇمانى» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

پېتېر دەھلىننىڭ نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان خىتاي باياناتچى تەكشۈرۈش داۋامىدا، پېتېرنىڭ تېگىشلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پېتېر دەھلىن يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر تەشكىلات خىتايدا ئادۋوكاتلارنى تەربىيەلەش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدە ساۋات بېرىش ۋە خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، پېتېر دەھلىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان قىز دوستىمۇ تۇيۇقسىز غايىب بولغان.