دائىرىلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىزامى» نى ئېلان قىلغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭى يىل ھارپىسىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىزامى» نى ئېلان قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېڭى يىل ھارپىسىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىزامى» نى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر «خىزمەت نىزامى» 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئومۇمىي مەزمۇنى 6 باب، 60 ماددىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر «يېڭى خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى نىزامى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دائىرىلەر ئېلان قىلغان بۇ قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقى خىزمەت نىزامى» دا ئىلگىرىكى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق مەخسۇس ماددىلاردىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپلەردە «پان-تۈركىزم»، «پان-ئىسالمىزم»، «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»، «يۈكسەك ئاپتونومىيە» قاتارلىق ئىدىيەلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ماددىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر، يېڭىدىن ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىزامى» دىكى كۆپ قىسىم ماددىلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىللىي ھوقۇقلىرى بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org