خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ناخشا-ئۇسۇل ئارقىلىق «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» قىلىدىكەن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ناخشا-ئۇسۇل، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-25 -
-
-
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ناخشا-ئۇسۇل، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ گېزىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئاممىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى، بارلىق ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە ئادۋوكاتلار كەڭ كۆلەملىك قانۇن تەشۋىقات يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، جاي-جايلاردىكى ئامما ناخشا-ئۇسۇللۇق مەدەنىيەت تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىدىكى قارارىنىڭ جەنۇبتىكى ھەرقايسى ناھىيە-يېزىلاردا ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقى مەلۇم.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ناھىيىسى بۇلتۇردىن باشلاپلا يېزا-بازار، كەنتلەردىكى 3000 نەپەر ئاممىنى «شايار سەنىمى» ئويناشقا تەشكىللەپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، يەكەن ۋە يوپۇرغا ناھىيىلىرىدىكى ئاممىمۇ خىتاينىڭ 2016-يىللىق پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كوچا ئويۇنىغا تەشكىللەنگەن. يەكەن ناھىيىسىدىكى يۈزلەرچە ئۇيغۇر پۈتۈنلەي خىتايچە پاسوندىكى كىيىملەرنى كىيىپ، قەغەز ئەجدىھا ۋە چوڭ دۇمباقلار بىلەن كوچىدا ئويۇن قويغان.