دائىرىلەر مىللىي مەدەنىيەت بايراملىرى ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىق» قا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا
2016.03.22
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر نورۇز قاتارلىق مىللىي بايراملارنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيىسى يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى» كۈچەيتمەكچى بولغان.
بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر خىتاينىڭ«شىنجاڭ خەۋەرلىرى»، «خەلق تورى»، مەركىزى خەلق رادىئوسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىدا كۆپلەپ بېرىلگەن.
خەۋەرلەردە، 2016-يىللىق نورۇز بايرىمى نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «زور داغدۇغا» بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، سانجىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر نورۇز پائالىيىتىگە يەرلىك مەسچىتىنىڭ غوپۇر ئاخۇن ئىمامى تەكلىپ قىلىنىپ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى نورۇز «دوپپا بايرىمى» قاتارلىق بايراملارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەبرىكلىنىشكە بىر خىل سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ھالبۇكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغا قەدەر كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى شەھەر، ناھىيىلەر ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ نورۇزنى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر بويىچە، «باغ سەيلىسى قىلىش»، «كوللېكتىپ نورۇز ئېشى يېيىش»، «نورۇز بېيىتى ئېيتىش»، «دالا مەشرىپى ئۆتكۈزۈش»، «سەنئەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ ئامما ئارىسىدا كونسېرت قويۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن.
خەۋەرلەردە ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە خىتاي كادىر، ئوقۇغۇچىلار ھەتتا شۇ يېزا، مەھەللىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى، بۇ يىلقى نورۇزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.