ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭىشى خىتاينىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش» سىياسىتىنى تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2022.05.27
خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىنىپ، لاگېردىكى ۋەھشىيلىكلەر دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملىق تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار 24 ۋە 25-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. قاراردا، «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇشتا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى ۋە دۇنيادىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈز يىللىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇش» تەكىتلەنگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھازىرقىدەك نازۇك بىر ۋاقىتتا بۇنداق بىر قارار ماقۇللاپ ئېلان قىلىشى، 2017-يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ رايوندىكى ۋەھشىيلىكلىرىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا شېرىك بولغان ئاپپارات ۋە شەخسلەرنى «سىياسەتتە ئۆزگىرىش» بولمايدىغانلىقى، ئۆتكەن بەش يىللىق ۋەھشىيلىكنىڭ جاۋابكارلىقى توغرىسىدىمۇ خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولىدىغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئاشكارىلانغان.
«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قاراردا «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇش بىر ۋاقىتتا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش ھازىرقى باسقۇچتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت» دەپ كۆرسىتىلگەن. قاراردا يەنە خىتاي-ياۋروپا يۈك پويىزىنىڭ ئالىي سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشى، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى ۋە چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەنگەن.