خىتاي كومپارتىيەسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ كومپارتىيەنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان يېتەكچىلىك رولى ۋە كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ كومپارتىيەنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان يېتەكچىلىك رولى ۋە كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدا مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قارارى غەرب ئەللىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

خىتاي كونمپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش ئىشخانىسى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى باش ئىشخانىسى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىدە «پارتىيە كومىتېتى چوقۇم ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان ئەمەلىي يېتەكچىلىك رولىنى تىكلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە يەنە: «ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى مەسئۇل كىشىلەر چوقۇم سىياسىي-ئىدىيەۋىي تەربىيەنى كۈچەيتىشى ھەمدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشى كېرەك» دېيىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايدا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغان 329 مىڭ ئاممىۋى تەشكىلات بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى خىتايدىكى دېموكراتىك خائىشقا ئىگە شەخسلەر بىلەن تەشكىلاتلارنى ئەندىشىلەندۈرمەكتىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org