خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى ھىندىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغانلىقى ئاشكارىلانغان.
بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ خىتايدىكى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل 7-ئايدا خىتايدىكى ئون نەچچە توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى چاقىرىپ «مەخسۇس يېتەكچىلىك» نامىدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن چەت ئەللەردە زاۋۇت قۇرۇشنىڭ خەۋپى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار يۇقىرىدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ دەلىللىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ شىركەتلەرنى چەت ئەللەر بىلەن ئىش قىلغاندا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە، جۈملىدىن توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنى خىتاي ئىچىدە ياساپ، قۇراشتۇرىدىغان قىسمىنى باشقا دۆلەتلەردە قىلىشقا ئۈندىگەن ئىكەن.
بولۇپمۇ سودا مىنىستىرلىقى يىغىندا توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى ھىندىستان ۋە تۈركىيەگە مەبلەغ سالماسلىققا چاقىرغان.
جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىكى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار بلۇمبېرگنىڭ بۇ خەۋىرىگە قارىتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولسىمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
يۇقىرىدىكى مەنبەلەر خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى تۈپەيلىدىن خىتايدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىشى ئاستىلاپ قېلىشى مۇمكىنكەن.