ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى خىتاي ئەر-ئايال ئەرزدارنى «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش» بىلەن سوتلىدى

ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا ۋاڭ زېڭيىڭ، جاڭ پېيفېڭ ئىسىملىك ئەر-ئايال خىتاي كۆچمەن ئەرزدارنى سوتلاپ، ئېرىنى 3 يىللىق، ئايالىنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا ۋاڭ زېڭيىڭ، جاڭ پېيفېڭ ئىسىملىك ئەر-ئايال خىتاي كۆچمەن ئەرزدارنى سوتلاپ، ئېرىنى 3 يىللىق، ئايالىنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئەمما سوت ۋاڭ زېڭيىڭنىڭ قاماق جازاسىنى 3 يىل كېچىك تۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، جاڭ پېيفېڭنىڭ قاماق جازاسىنى بولسا ئائىلىدە ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك سوت ۋاڭ زېڭيىڭ، جاڭ پېيفېڭ ئەر-ئايالنى «قويمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغان بولسىمۇ، ئەمما 20‏-ماي كۈنى ئېچىلغان 2‏-قېتىملىق سوتتا، ئەر-ئايال ئەرزدارلارغا «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق تېرىش» جىنايىتى ئارتىلغان.

ئەر-ئايال ئەرزدارنىڭ بېيجىڭلىق ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈەن، سوتنىڭ ئەر-ئايال ئەرزدارلارنىڭ ھەرىكىتى «قويمىچىلىق جىنايىتى» شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئەمما «ئەكتەملىك قىلىپ چاتاق تېرىش»قا كىرىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق، مەزكۇر دىلودىن خىتاينىڭ قانۇننى ئۇيغۇر ۋە خىتايلارغا ئىككى خىل ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق دىنىي، سىياسىي دېلولاردا قانۇننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلغاندىن سىرت، ئادەتتىكى ھەق-تەلەپ دېلولىرىدىمۇ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىپ، جاۋابكار ئۇيغۇر بولسا قاتتىق، خىتاي بولسا سىمۋول خاراكتېرلىك جازا بېرىپ كەلگەن.

ئۇ، سوتنىڭ يۇقىرىقى ئەر-ئايال ئەرزىدارغا بەرگەن جازاسى ئادىل دەپ قارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمما قانۇننى جاۋابكارنىڭ مىللىي، دىنىي، سىياسىي مەۋقەسىگە قاراپ تەتبىقلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org