ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكانىڭ 2017 يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇنى كۆپ ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر ماددا تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىغا قارىتىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ «يەر شارى گېزىتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەربىي ئالاقىسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ يەنە ئامېرىكا تەرەپنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى، تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئەمما، بۇ قانۇن ھازىر تېخى پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلمىغان بولۇپ، ئەگەر ئوباما ئىمزا قويسا رەسىمى كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدىن ئازراق ئىلگىرى مەزكۇر قانۇن ئاۋام پالاتا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ۋە تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ئامېرىكىدىن كۆپ مىقداردا قورال - ياراق سېتىۋېلىش ئۈمىدىدە بولماقتىكەن.