خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن
2016.01.16
«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىشچە، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، خىتاي ئىقتىسادىي سۈرىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە خىتاي دۆلەت قەرزىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ئامېرىكا دوللىرى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدىغان خەلقئارا بازاردا ئۆز قەرزلىرىنى تۆلەشتە قىيىنچىلىققا يولۇقىدىكەن.
مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي دۆلەت قەرزى 28 تىرىليون دوللارغا يەتكەن.
مۇلاھىزىدە «كرېدىت سۇئىسسې» شىركىتىدىكى ئانالىزچىسى ھېلېن ھاۋورتنىڭ ئانالىزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىمۇ ئىزچىل تۆۋەنلىگەن بولۇپ، خىتايغا سېلىنغان چەتئەل مەبلەغلىرىمۇ خىتايدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىشكە باشلىغان.
مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان «كرېدىت ليونناسى ئاكسىيە ئاسىيا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەبلەغ سېلىش شىركىتى تەتقىقاتچىسى كرىستوفېر ۋۇدنىڭ دىئاگراممىسىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرىغا چىققان چەكتىن نۆۋەتتە 600 مىليارد دوللار تۆۋەنلىگەن بولسا، خىتايدىن چىقىپ كېتىۋاتقان چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ سوممىسى بەزى ئايلاردا 100 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
بلۇمبېرگ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 2014 - يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرى 3.99 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى بولۇپ، مەزكۇر سومما 2015 - يىلى دېكابىردا 3.33 تىرىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
«فوربىس» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پارچە خەۋىرىدە كۆرسىتىشچە، خىتاينىڭ 2012 - يىلىدىكى ئومۇمىي دۆلەت قەرزى 18 تىرىليون 300 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان ئىكەن.









