خىتاي ج خ مىنىستىرى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «ھەممىنى تازىلاش» بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان

خىتايدا 1978 - يىلدىن بۇيان ئېچىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يىغىنلىرى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە دائىرىلەر بېيجىڭ ۋە خېبېي ئۆلكىسىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29 - فېۋرال كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن، بېيجىڭ شەھىرى ۋە خېبىي ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇ «شەھەرنى قوغداش» نامىدىكى ساقچىلار ئەترىتىنىڭ بېيجىڭ ۋە خېبېدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرگەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرى تورىنىڭ 1 - ماتتىكى خەۋىرىدە، گو شېڭكۈننىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى جەريانىدىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خەۋەردە گو چېڭكۈننىڭ «ساقچىلاردىن ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنى ھەر خىل مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن تازىلاش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان يالغان - ياۋىداق خەۋەرلەردىن تازىلاش، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن تازىلاش، قانۇن ئىجراچىلىرى ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن تازىلاش...» قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org