ئەنگلىيە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئولىۋېر دوۋدېن خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «دۆلەت ئاساسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئولىۋېر دوۋدېننىڭ بۇ سۆزلەرنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك 8-ئىيۇل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى كۈتۈۋېلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن قىلىشى دىققەت قوزغىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن پرېزىدېنت بايدېن رىشى سۇناكنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغاندىمۇ ئىككى رەھبەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئىككى رەھبەر «ئاتلانتىك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىتىگە ئوخشاش ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەردىن تارتىپ، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تېخنولوگىيە، غەيرىي دۆلەت ئامىللىرى ۋە چېگرا ھالقىغان خىرىسلارغىچە بولغان يېڭى خەلقئارالىق مۇقىمسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ب ب س نىڭ 11-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئولىۋېر دوۋدېننىڭ سۆزى ئۆتكەن يىلى خىتاي سېتىۋالغۇچىلىرىنىڭ 8 ئەنگلىيە شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش پىلانىغا «دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبىدىن مۇداخىلە قىلغان بىر ۋاقىتتا قىلىنغان.
ئولىۋېر دوۋدېن ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، بۇ قارارنىڭ «دۆلەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە «كۆزىنىڭ ئوچۇق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىن قول ئۈزۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن «ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىز خۇددى خىتايغا ئوخشاش دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا كۆزىمىز ئوچۇق بولۇشى كېرەك» دېگەن.
پرېزىدېنت بايدېن 11-ئىيۇل لىتۋا پايتەختى ۋىلنۇستا باشلانغان «ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا لوندوندا توختاپ ئۆتكەن. بايدېن بىلەن رىشى سۇناكنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا كونكرېت قايسى مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ يىل 6-ئايدا ئۇچراشقاندا رىشى سۇناك «خىتاي، رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى كونترول قىلىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىش، بىزنىڭ ئەقلىي مۈلكىمىزنى ئوغرىلاش، تېخنولوگىيەنى ئىستىبداتلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ئېنېرگىيەگە ئوخشاش ھالقىلىق بايلىقلارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى» دېگەن.
