ئامېىرىكا خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتە

2020-12-09
Share

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 8-دىكابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى مارك مىللېي 7-دېكابىر «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ باش ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، بېيجىڭنىڭ ئارزۇسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي 2035-يىلغا بارغاندا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئىقتىدارى بىلەن تەڭ ئورۇنغا يەتكۈزۈشنى، بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قوراللىق توقۇنۇشتا ئامېرىكانى مەغلۇب قىلالايدىغان دەرىجىگە بېرىشنى نىشانلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ نىشانى ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئامېرىكا ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىرىسىدۇر.»

گېنېرال مىللېي يەنە مۇنداق دېگەن: «زورىيىۋاتقان خىتايدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىشىنى خالىمايمىز. بۇ بىر ئاپەت بولىدۇ.»

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى جون راتكلېف 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ژورناللىرىدىن «ۋال-سىرىت ژورنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي 1-نومۇرلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتىدۇر،» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسمۇ ئالدىنقى كۈنى مىلكېن ئىنستىتۇتى ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش كۈنىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي ئاسىيادىكى ئاساسلىق ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تەھدىت،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت