خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئۇرۇشىغا كىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن
2024.05.20
خىتاي دائىرىلىرى، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىدا خۇددى ئامېرىكا بىلەن بولغاندەك سودا ئۇرۇشىغا كىرىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.
«بلۇمبېرگ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپادىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تەدبىرىدە ياۋروپانىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئايروپىلان ۋە ۋىنو مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەرلەردە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا، جۈملىدىن خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل مەھسۇلاتى پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن شى جىنپىڭنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. «بلۇمبېرگ» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت تاراتقۇسى «يۈيۈەن تەنتىيەن» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا «ئىنتايىن قاتتىق ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكى» نى ئېيتقان. خەۋەرلەردە بېيجىڭنىڭ دائىم بۇ خىل قاناللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسىنىڭ ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ كونكرېت قانداق ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئادۋوكاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى، ۋىنو ۋە ئايروپىلان قاتارلىقلارنى نىشان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ياۋروپا ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشى باشقا ساھەلەرگە كېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا سودا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپا رەھبەرلىرىمۇ دۆلەت قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا سانائىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.