خىتاي تەھدىتىنىڭ زورىيىشى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-23
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەرگە چېتىلغان تۈرلۈك زوراۋانلىق خاراكتېردىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 22-نويابىر سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە بۇنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق ساھەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئالاھىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى» (AUKUS) گەرچە 2021-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان «ساداقىتى» ئۇنچىلىك مۇستەھكەم بولمىغان. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ 90 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى قىممىتىدىكى دىزېل ماتورلۇق 12 دانە سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئەنگلىيە ياكى ئامېرىكىدىن ئەمەس، ئەكسىچە فىرانسىيەدىن سېتىۋالماقچى بولۇشى بۇ ئىتتىپاققا چۈشكەن بىر چوڭ دەز، دەپ قارالغان. يەنە كېلىپ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان فىرانسىيە بىلەن قويۇق دوست تارتىشىپ كەلگەن ئاۋسترالىيەنىڭ «ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى» غا قوشۇلۇشى فىرانسىيەنى رەنجىتكەن. بولۇپمۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەرشارى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزىنى ياۋروپادىن شەرقىي ئاسىياغا يۆتكىشى، دەپ قارىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل مەركىزىي نۇقتىنى يۆتكەش ياۋروپانى قالايمىقانچىلىققا گىرىپتار قىلىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. ئاۋسترالىيە تەرەپ بولسا نۆۋەتتە «لازىملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى لازىم بولىدىغان ۋاقىتتا ئالالمايدۇ» دېگەندەك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. چۈنكى فىرانسىيە ياساپ بېرىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى 2034-يىلى پۈتىدىغان بولۇپ، بەزى يۇغۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار «بىز بۇ پاراخوتلارنى قولىمىزغا ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئىشىنى بىرياقلىق قىلىپ بولىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئەنە شۇ خىل يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئىغۋاگەرچىلىكلىرى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن مالايشىيا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىقلارنى ئەندىشىگە سالغان. شۇنداقلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېڭى بىر مەيدان ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ۋايىم يەيدىغان قىلىپ قويغان. ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى جەك ساللىۋان بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىز ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە كىرىۋاتىدۇ، دەۋاتىمىز. دېمەك بىزنىڭ يېڭى تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. سىياسىي ئانالىزچى روري مېدكاف بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «فىرانسىيە ھەرقاچان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەھدىتى ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا ‹ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى› جەزمەن ياۋروپا بىلەن، بولۇپمۇ فىرانسىيە بىلەن ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلىشى لازىم» كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت