خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى تورى» نىڭ 15-فېۋرال كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تەكلىماكان تاشيولىنى بويلاپ، 5 يەرگە كۆچمە تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش مۇنارى قۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ سىمسىز ئۇچۇر ۋە تور بىلەن قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغان مەلۇماتقا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىلا ئۇيغۇر رايونىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G پونكىتىنى قۇرغانلىقىنى، ناھىيە، شەھەر، بازارلارنىڭ 5G تورى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن خىتاي، شۇنىڭغا ماس ھالدا يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب-نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە تېلېفون، سىمسىز ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى مەلۇم.
«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېففىرى كېيىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5G نى كېڭەيتىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى ھەر جايدا تەقىب قىلىش ۋە كونترول قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.