خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي مەركىزىي كومىتېت 6-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مەسىلىلەر ئاساسلىقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرالماسلىق، «شىنجاڭنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزەش» ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى قۇرۇلۇشى» نى پۇختا ئېلىپ بارالماسلىق، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نى يېتەرلىك ئىلگىرى سۈرەلمەسلىك قاتارلىقلار ئىكەن.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن ئۇلاردىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 3 قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، سىياسىي ھۇشيارلىق ۋە ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجرائات كۈچىنى ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جايلارنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايقىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەت، ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مەركەزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن پۈتۈن سەپ بويىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، زۇلۇم ۋە جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىش. خىتاينىڭ ئاخىرقى نىشانى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى بارلىق ئېتىقادنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭى قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى بىمالال يولغا قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلار يەنىلا بىرىنچى ھۇجۇم نىشانى بولىدىكەن.