خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.01

«خەلق تورى» نىڭ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 28 كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك «خىتاي خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يىغىنى» ئېچىلغان.

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا ئايرىمىچىلىقى قىلىش ۋە خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھىندونېزىيە بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ كاتىپلىرى قاتنىشىپ ۋىدىيولۇق سۆز قىلغان.

خىتاينىڭ خەلقئارا مال تەمىنلەش لىنىيەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ماللىرىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانىدى. «ئاقساراي تورى» نىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن شۇ كۈنى ئاقساراينىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاش ۋە مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كېڭەش يىغىنى چاقىرغان. بايدىن يەنە «ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى 13 دۆلەت» بىلەن يېڭى كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

جوۋ بايدىننىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاش ۋە مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كېڭەش چاقىرغاندىن كېيىنلا بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.