خەلقئارا تەنھەرىكەتچىلەر فېدېراتسىيەسى خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرگە جانلاندۇرۇش دورىسى بېرىلگەنلىكىنى تەكشۈرمەكچى

خەلقئارا تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتى فېدېراتسىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە جانلاندۇرۇش دورىسى بېرىشنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە ئائىت بىر پارچە خەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خەت ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشكەن خىتاي تەنھەرىكەتچى ۋاڭ جۈنشيا تەرىپىدىن 1995 - يىلى يېزىلغان بولۇپ، تېخى يېقىندا مەتبۇئات يۈزى كۆرگەن.

مەزكۇر خەت ئالدى بىلەن خىتايدىكىhttp://tencent.com»» تورىغا بېسىلغان، ئاندىن باشقا خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان خىتاي ئاخباراتىنى قاپلاپ كەتكەن مەزكۇر خەت 1998 - يىلى نەشر قىلىنغان خىتاي ترېنېر ما جۈنرېننىڭ كىتابىدىن چىقىرىپ تاشلانغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن.

خەتتە ۋاڭ قاتارلىق يەنە 8 ئولىمپىك چېمپىيونىنىڭ ئىمزاسى بار بولۇپ، ئۇلار ترېنېرنىڭ ئۇلارنى چەكلەنگەن كۈچلەندۈرۈش دورىسى ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتى فېدېراتسىيەسى مەزكۇر خەتتىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ھەمدە خەتنىڭ راست - يالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ جۈنشيا 1993 - يىلى 10 مىڭ ۋە 3 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ۋە 1995 - يىلى 5 مىڭ مېتىر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ما جۈنرېنمۇ خىتايدا ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بىلەن نام چىقارغان ترېنېر ئىدى.

تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتى فېدېراتسىيەسىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەگەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن چەكلەنگەن دورىلارنى ئىچكەنلىكى دەلىللەنسە ئۇلارنىڭ مېداللىرى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن.