«دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنى» دە خىتاي تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىلقى «دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنى» دە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋالى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «دۇنيادىكى ئاخبارات تەقىبچىلىكى ئەڭ ئېغىر» دۆلەتلەردىن 12 نى رەتكە تىزىپ چىققان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ باياناتىدا «خىتايدا ئاخبارات پۈتۈنلەي دۆلەت ماشىنىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلمەكتە. تورغا قارىتىلغان تەقىپمۇ ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق داۋام قىلىپ قىلىپ كەلمەكتە» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۈگۈنكى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىگە قەدەر خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك ئاخبارات ۋە تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇقنى قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىپ كەلدى، شۇنداقلا كۆپلىگەن مۇخبىرلارنى تۈرمىگە تاشلىدى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلگىرى «پۇقرالار» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن خۇاڭ لياڭتيەن «خىتاي ھېچقانداق ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان بىر دۆلەت» دېدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «خىتاي ئۆزىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى ئارقىلىق بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىۋالغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت