خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى لىڭ جىخۇانىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، دېلونى تيەنجىن تەپتىش دائىرىلىرىگە يوللاپ بەرگەن.
خىتاي ئالىي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ 13-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، لىڭ جىخۇانىڭ دېلوسى تيەنجىن 1- تەپتىش مەھكىمىسىگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەيىبنامىنى يېقىندا تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان.
لىڭ جىخۇا سابىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئاتقۇرغان ئىدى. ئۇ 2012-يىلى بۇ ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە يۆتكىۋېتىلگەن.
ئەمما 2015-يىلى جۇ يوڭكاڭ، گو بوشيۇڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، «لىڭ جىخۇا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىگەن، زور مىقداردا پارا ئالغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز ئېرىشكەن، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغان، جامائەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىز زىيان سالغان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
