ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللانغان «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» دا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ روھىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى نەيىم ياسىن 5 - ئاۋغۇست يۇقىرىقى «چارە» نىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارىشى كۈرەش قىلىشتىكى ئالدىنقى سەپ ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى» دەپ ئاتىغان ۋە مەزكۇر «ئىجرا قىلىش چارىسى» نىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي توپلۇقلار، كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر، قىسىقى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنى مەزكۇر«ئىجرا قىلىش چارىسى» نى ئۆگىنىشكە، تەشۋىق قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى شۇڭ شيەنگو قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان.
ھالبۇكى، بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئىلى دائىرىلىرى ماقۇللىغان مەزكۇر «چارە» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەكلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن بويىچە تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، جازاغا تارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نى بۇ يىل يانۋاردا رەسمىي يولغا قويغان ئىدى.
بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغاندا خەلقئارا كىشىلىك ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار بۇ قانۇننىڭ خىتاي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا چەكلىمىسىز ھوقۇق بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
