ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىدا كۆرۈلگەن «ئادەم بومبا» ھۇجۇمىغا قارىتا خىتاي تەرەپ بۇنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىمۇ ھۇجۇم گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
تەيۋەندىكى «مەركىزىي خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تەرەپنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق «ئادەم بومبا» ھۇجۇمىنى تەشكىللىگەن دەپ قارىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۇلارنىڭ قوللىرى قان بىلەن بويالدى. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردىكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسى ئۆتكەن ھەپتىدىكى پارتلاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۆت نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
